قايۇ ئەردە بولسا ئۇقۇش بىرلە ئۆگ،
ئانى ئەر ئاتاغىل، نەچە ئۆگسە ئۆگ،
ئوقۇش، ئۆگ، بىلىك كىمدە بولسا تۆگەل،
ياۋۇز ئەرسە كەد تە، كىچىك ئەرسە ئۆگ.
– قۇتادغۇبىلىكتىن.
(ئەگەر كىمدە ئەقىل ۋە ئىدراك بولسا،
ئۇنى ئەر دەب ھېسابلا قانچە ماختىساڭ ماختا،
ئەقىل-ئىدراك، بىلىم كىمدە بولسا جەم،
ئۇنى يامان بولسا ياخشى، كىچىك بولسا ئۇلۇغ دەب بىل.
ئەسكەرتىش: ئۆگ دىگەن سۆز قەدىمقى زامان ئۇيغۇرتىلىدا ئەقىل-ئىدراك، ماختىماق، ئۇلۇغ ياكى بۈيۈك دىگەن مەنىدە قوللىنىلغان، يەنى قەدىمقى ئاتا بوۋىلىرىمىز بىلىمنى ۋە بىلىم ئۆگەنگۈچىنى شۇنچە يۇقىرى ئۇنۋاندا ھۆرمەت قىلغان)
ئۈگۈنۈش ھەممىمىز ئۈچۈن تولىمۇ موھىم بولغان ئىشلارنىڭ بىرسى. ئەسلىدە ماشىنا ئۈگۈنۈش (Machine Learning) ، چوڭقۇر ئۈگۈنۈش (Deep Learning) ۋە سۈننى ئەقىلنى تەربىيلەش (AI Training) قاتارلىق مەزمۇنلاردا يېزىب كېلىۋاتقان ئىدىم. ( بۇ مەزمۇنلار ئەسلىدە ئالدىنقى يازما : سۈننى ئەقىل (سۈننى ئىدراك) ھەققىدە تاغدىن-باغدىن نىڭ بىر بۆلىكى ئىدى. بىراق ئۇ يازمىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەچ، مەزمۇنىنى قىسقارتىش مەقسىتىدە بىر قىسىم چېتىشلىق بولغان بالا تېمىلاردىكى مەزمۇنلارنى باشقا يازما قىلىب چىقىرىشنى مەقسەت قىلدىم. ھازىرچە ئۇ يازمىنىڭ كىيىنكى بۆلەكلىرىنى گىتخابقا ئىتتىرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، يېزىلغان يازمىنىڭ قالغانلىرىنى ھەم بىلوگدا كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس، كىيىن يازمىنىڭ قۇرۇلمىسى تولۇق تاماملىنىب بولغاندا بىراقلا گىتخابقا ۋە بىلوگقا چىقىرىدىغان بولىمەن)
بۇ يازمىنى يالغۇز يازما قىلىب چىقارغانلىقىم ئۈچۈن، بەلكىم ماشىنا ئۈگۈنۈشكە ئەمەس بەكرەك ئىنسانى ئۈگۈنۈشكە قارىتىشقا بولىدۇ دەب ئويلايمەن. ئۈگۈنۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ھەممىمىزگە ئېنىق. ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا نىيوتۇننىڭ قانۇنىيەتلىرى، مەكىسۋېلنىڭ فورمۇلاسى، ئېينىشتىيىننىڭ نەزىرىيەسىنى يادقىلاب چۈشمىگەن. ئادەم ئۈچۈن، يول مېڭىش، سۆزلەش، بىرىنجى قېتىم ۋېلىسپىت مىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈگۈنۈشنىڭ نەتىنجىسى. ئىنساننىڭ ئەلۋەتتە بىر قىسىم ھېچكىم ئۈگەتمىسىمۇ بىلىدىغان تەبىئى ئىقتىدارلىرى بار، ئەمما ئالىملارنىڭ ئېنىقلىشىچە ئىنسانلارنىڭ تەبى ئىقتىدارلىرى ھايۋانلارغا قارىغاندا تولىمۇ نازۇك ۋە ئاجىز. ئىنسانلارنىڭ ئەقىللىق بولىشىنىڭ تۈبكى سەۋەبىنىڭ بىرسى ھەم بىزنىڭ ئۈگۈنۈش ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىدىندۇر.
كېچىكتۈرۈش
ئادەمنىڭ ئۆمرى قىسقا، ئەگەر بىز بىر ئىشنى قىلساق، يەنە بىر ئىشنى قىلىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك. شۇڭا ئىنسان ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم بولغان ئىككى نەرسە، توغرا تاللاش، ۋە ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى بىزنىڭ ھاياتىمىز بىرلا قېتىم، ئۇنى كومپىىيوتىر پىروگراممىلىرىمىزنى قىلغاندەك ئەگەر پارامېتىرلىىرىنى بۇزۇب قويساق «reset» نى بېسىب زاۋۇتتىن چىققان ھالغا قايتۇرالمايمىز، يەنى ھەر بىر تاللىشىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسى نىشان ۋە نەتىجىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئاساس. ھاياتىمىزدا ناھايىتى مۇھىم بولغان يەنە بىر نەرسە بولسا ۋاقىتتۇر.
بۇ ئۆگۈنۈش توغۇرلۇق يازما بولغاچ، تاللاش ۋە ئويلۇنۇش توغۇرلۇق كۆپ توختىلىب كەتمەيمىز، پەقەت ئەتەبەتۇلھەقايىقتىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى مىسرالار ئارقىلىق ئاز تولا قىستۇرۇب ئۆتىمىز:
نە ئىش ئۇترۇ كەلسە ئاڭا كەد باقىن،
ئول ئىشنىڭ ئوڭىنى سوڭىنى ساقىن،
سەۋىنچ ئەرسە كىدىن كۆڭۈل تۇت ئاڭا،
ئوكۇنچ ئەرسە ئاندىن ئۇزاراق ساقىن
– ئەتەبەتۇلھەقايىق
( ھەرقانداق ئىشقا يولۇقساڭ ئۇنىڭغا ياخشى باق ( تەكشۇر، كۆزەت، ئانالىز قىل)،
ئۇ ئىشنى ئوڭ سولىنى ئالدى ئارقىنى ئويلا ( ياخشى ئانالىز قىل)
كۆڭلۈڭنى، زېھنىڭنى (ۋاقتىڭنى) ياخشى ئىشلارغا بەر
ئۆكۈنۈشلۈك (يامان نەرسە) بولسا ئۇنىڭدىن ساقلان)
خوش، ئەمدى ۋاقىت ھەققىدە توختۇلۇب ئۆتەيلى. بىراق ۋاقىت بولسا تامامەن ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتى ۋە كونتىرول ئاستىدا بولغان تەبىئى قانۇنىيەت بولۇپ، ھازىرقى ئىنسان تېخنىلوگىيەسى تېخى ۋاقىتنى تىزگىنلەش ياكى كونتىرول قىلىش قابىلىيتىگە ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئادەتتە بىز ۋاقىتتىن بەكراق ۋاقىتنى تېجەشكە كۆڭۈل بۆلىمىز. ۋاقىتنى تېجەشنىڭ ھەممىدىن چوڭ بىر دۈشمىنى بولسا كېچىكتۈرۈش، يەنى بىر ئىشنى قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىب تۇرساقمۇ. ئۇنى بىردەم ئوڭغا بىردەم سولغا سوزۇب، تۈگەتمەسلىك، ۋە ياكى قانداقتۇر مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىدە چۇقىلاب ئولتۇرۇب ئىشنى تۈگەتمەسلىكتۇر.
لۇتپۇللا مۇتەللىب يىللارغا جاۋاب ناملىق شېئىرىدە ۋاقىت توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن:
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
– يىللارغا جاۋاب
ئەگەر بىز كېچىكتۈرۈشنى تىزگىنلىيەلىسەك، ئەگەر بىزدە شۇنداق كېسەك بولسا ( مەسلەن مەندە بار) ئۇنى يېڭىشنىڭ بىر يولى بولسا، ۋاقتىمىزنى كىچىك كىچىك بولغان بىرلىكلەرگە بۆلۈش ئارقىلق باشقۇرۇش، ۋە شۇ ئارقىلىق مېڭىىمىزدىكى ئىنىرگىيە ۋە زېھنىمىزنى توغرا قوللىنىش، مېڭىگە يېتەرلىك ئارام ئالىدىغان ۋاقىت قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.
خەلقارادا مۇشۇ تىئورىيەنىڭ ئاساسىدە كېلىب چىققان نۇرغۇنلىغان ۋاقىت باشقۇرۇش ۋە ئىش ( ۋەزىپە باشقۇرۇش) مېتڭودلىرى ۋە قوراللىرى بار بولۇپ، مەن بىراز ياقتۇرىدىغىنى بولسا شوخلاتىك تېخنىكىسى يەنى خەلقارادا Pomodoro دەب ئاتىلىدىغان تېخنىكا. مەن بۇ تېخنىكىغا شوخلا ( يەنى ئىتالىيەنچە پومودورو دەل شوخلا) + تىك ( يەنى سائەتنىڭ تىك تىك تىكىلدەب ئۆتىشىنى كۆرسىتىدۇ) دەب ئىسىم قويغانمەن ھەم ھازىرغىچە ئۆز كۈندۈلۈك خاتىرەمدە شوخلاتىك تېخنىكىسى دەب يېزىب كېلىپتىمەن، شۇڭا شۇ بويىنچە تونىشتىرىبېرەي.
شوخلاتىك تېخنىكىسى ۋاقىتنى 25 مىنۇتلۇق قىسقا قىسقا بولغان ۋاقىت بىرلىكىگە بۆلۈب، شۇ بىر ۋاقىت بىرلىكى ئىچدە پۈتۈن زېھنىڭىزنى بىر ئىشقىلا قارىتىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن مەن شۇ 25 مىنۇت ئىچدە كۈتۈپخانامنىڭ ئېشىكىنى يېپىب ئۇختۇرۇشنى چاپلاب، تېلىفونۇمنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈب، كومپىيوتىر ۋە تېلىفونۇمنى «فوكۇش» مۇھىتىغا تەڭشەب قويىمەن، بۇ ئارلىقتا كەلگەن ھېچقانداق پوچتا، تېلىفون ياكى ئۇچۇرغا قارىمايمەن ( مەن قوللانغا دىتال ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۈنسىز قىلىب تاشلايدۇ).
ھەر بىر 25 مىنۇتلۇق يۇقىرى دەرىجىدە فوكۇسلۇق ئىشلەشتىن كىيىن ، شوخلاتىك تېخنىكىسىنىڭ تەكلىبى بويىنچە 5 مىنۇتلۇق قىسقا دەم ئېلىش بولىدۇ. (بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ تېلىفونۇم ياكى كومپىيوتىر ئېكرانىمغا قەھۋە ۋاقتى دەب پۈتۈن ئېكرانلىق خەت چىقىرىدۇ)، مەنمۇ ھەم شۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىب دېرىزىنى ئېچىب گۈزەل ئىستانبۇلدىن ھوزۇر ئالىمەن، ياكى تېلىفونۇمدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن.
شوخلاتىك تېخنىكىسى بويىنچە ھەر تۆرت 25 مىنۇتلۇق ئىشلەش جەريانىدىن كىيىن 10-25 مىنۇتلۇق ئۇزۇن بىر دەم ئېلىش ۋاقتى بولىدىغان بۇلۇپ، مەن شۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىب بەزىدە كۈلدۈرگە، ئويۇن ۋىدىيوسى، ياكى كارتۇن كۆرىمەن، ياكى تېلىفونۇمدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارغا جاۋاب قايتۇرىمەن.
ئەلۋەتتە، مېنىڭ تېلىفونۇم ۋە كومپىيوتىرىم ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنى ناھايىتى مۇھىم بولغان كىشى ياكى مۇلازىمىتىر ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق قىلىۋاتقان ئىشىمنى ئۈزۈب تاشلايدىغان بولۇپ، بۇلار ھەممىدىن يۇقىرى بولغان دەرىجىدىكى ئىشلاردۇر، مەسلەن، ئايالىمدىن كەلگەن تېلىفون ( ئۇ ھەم ناھايىتى مۇھىم ئىش بولمىسا ماڭا ئالدىران تېلىفون قىلمايدۇ، مەسلەن ئىشتاننىڭ قارىسىنى ئالامدىم كۆكنى دىگەندەك ئىشلارغا ماڭا تېلفون قىلمايدۇ، نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشۇب سۆھبەتلىشىش بۇنداق ئىشلاردا ئاللىبۇرۇب بىر ئورتاق تونۇشقا كەلگەنبىز. ناھايىتى مۇھىم بولغان ۋاقىتلاردا مەسلەن، ئايالىمنىڭ ئانافىلاكسىيە كېلىسى بولۇپ، چوقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە داۋالاش كېرەك ، ماڭا تېلىفون قىلىدۇ ياكى تېلىفونى ئاپتوماتىك ئۇچۇر قىلىدۇ) ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قەدەر مۇھىم بولغان يەنە بىر نەرسە، بىزنىڭ شىركەتنىڭ، مېنىڭ ياكى مۇشتەرىلىرىمنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىدىكى قىزىل دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش، ئاتاكاغا ئۇچراش قاتارلىقلار. بىز شۇنىڭ نېنى يەيدىغان بولغاچ، بىرىنجى ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەب قىلىشقا تىرىشىمەن. ئىشلار تۈگىگەن ھامان قايتىدىن شوخلاتىكقا قايتىب كېىلىمەن.
مەشىق قىلىش
قەىمكىلەر «تامار تامار كۆل بولار دەيدۇ». ئۈگۈنۈش جەريانى ئاددىيلاشتۇرۇب ئېيتقاندا ئادەتتە مەشىق قىلىش ۋە ئەستە ساقلاش جەريانىدۇر. ئەستە ساقلاش توغۇرلۇق كىيىينكى بۆلەكتە تېخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇب ئۆتىدىغان بولىمىز. بۇ بۆلەكتە بولسا بىز مەشىق قىلىش توغۇرلۇق ئازدۇر كۆپتۇر تونۇشۇب ئۆتەيلى.
سىز ۋېلىپىت مىنىشنى قانداق ئۈگەندىڭىز؟
كىچىكىمدە مېنىڭ بىر تاغام ماڭا ئۈرۈمچىدىن بىر شۇ ۋاقىتتا سەيچې ( مۇسابىقە ۋېلىسپىتى) دەب ئاتىلىدىغان بىر ۋېلىسپىتىنى ئېلىب كلىب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا مەھەلىىدە تېخى باشقىلارنىڭ بۇنىڭدەك ۋېلىسپىتى بولمىغاچ، نۇرغۇن خوشنىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى بولغاي، ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىغا توختىتىب قويغان شۇ ۋېلىسپىتنى كېلىب تۇتۇب سىلاب كۆرەتتى، بەزىلىرى مىنىب كۆرەي دىسە، يېقىنلىرىمغا مىن دىسەم، يىراقلارغا پەش دەب يۈرەتتىم، بىراق مەن مىنىشتىن براز قورقاتتىم، چۈنكى مەن ئۇنىڭدىن بىراز بۇرۇن چوڭ دادامنىڭ بىر ۋېلىسپىتىنى مىنىمەن مەن بىراز قىسيسىق يەرگە كەلگەندە تورمۇزلىيالماي يىقىلىب كەتكەنلىكتىن ۋېلىسىپىت مىنىشتىن قورقۇب قالغان ئىدىم.
بىراق باشقا بالىلارنىڭ مىنگىنىگە قاراب مېنىڭمۈ يەنىلا مىنىشنى مەشىق قىلىب مىنىشنۈ ئۈگۈنۈش ئىشتىياقىم كەلدى. دادام ئالدى بىلەن ۋېلىسپىتنىڭ ئارقىدىن ۋېلىسپىتنى تۇتۇب تۇرسا، دوستۇم ئەلى ۋېلىسپىتنىڭ بىر پىدالىنى ماڭا قولى بىلەن تۇتۇب ياردەم قىلدى، ۋېلىسپىنى ھويلىدىكى تامنىڭ يېنىدىن ئىتتىرىب قويۇب بەردى، ئەلى بولسا مەن بىلەن بىللە يۈگرۈب ئەگەر يىقىلىب كەتكۈدەك بولسام تۇتۇۋالماقچى بولدى، يېنىمدا دادام ۋە دوسۇم بىرخىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىب تۇرغاچقا بولسا كېرەك، مەن شۇ چۈشتىن كىيىن قايتا قايتا شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن (ماشىنا ئۈگۈنۈش نەزىرىيەسى بىلەن supervised learning, نازارەتلىك ئۈگۈنۈش )، ئاندىن پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ياردىمىسىز ( ماشىنا ئۈگۈنۈش نەزەرىيەسى بىلەن unsupervised learning, نازارەتسىز ئۈگۈنۈش) مەشىقلىرى بىلەن ۋېلىسپىت مىنىشنىڭ ئېپىنى بىلىۋالدىم. ھەتتا ناھايىتى تېز باشقىلارغا قاراب، بىر قوللۇق مىنىش، ۋېلىسپىنىڭ رولىنى تۇتماستىن مىنىش، ھەتتا ۋېلىسپىنىڭ ئالدى چاقىنى يەرگە تەكگۈزمەي مىنىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ھەم ئىگەللىۋالدىم.
ۋېلىسپىت مىنىش بەلكىم ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەر قىسقا ۋاقىتلىق چېنىقىش ۋە مەشىق ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاساسلىق بىلىملىرىنى ۋە توغرا مىنىش قائىدىلىرىنى ئىگەللەب ئالالايدۇ. ئەمما تۇرمۇشىمىزدا بايقايدىغان بولسا، يەنە بەزى ئۈگۈنۈشلەر بار بولۇپ ئۇلار ۋېلىسپىت مىنىشتەك ئاددى ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ.
مەسلەن، ماتىماتىكا، ئېنجىنىرلىق قاتارلىقلار دەب تۇرايلى. ماتىماتىكا ۋە بىرقىسىم پەنلەرنى ئۈگۈنۈش جەريانى ۋېلىسپىت مىنگەندەك ئاددى جەريان ئەمەس. ۋېلىسپىت ئادەملەر ياراتقان بولسىمۇ، مەلۇم بىر فىزىكىلىق شەكىلگە، قول بىلەن تۇتقاندا تۇتۇش، يېقىن كەلگەندە ئۇرۇنۇش قاتارلىق بىۋاستە مېڭىزنى غىدىقلايدىغان خىمىيىۋى ياكى ئېلىكترونلۇق سىگناللارنى ھاسىل قىلالايدىغان بىر ئوبىيىكت بۇلۇپ، بىز بىر ۋېلىسپىتنى كۆرگەندەك دەرھاللا مېڭىزمىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ساقلانلغان، ۋېلىسپىتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇر، بىلىم ۋە قائىدىلەرنى ئاسانلار ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز ( يەنى مېڭىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساقلىغۇچىدىن ۋاقىتلىق ساقلىغۇچقا يۆتكەب چىقىرالايمىز، بۇ توغۇرلۇق كىيىنكى بۆلەكتە تەپسىلىرەك توختىلىمىز).
بىراق ماتىماتىكىدا بولسىچۇ ؟ ماتىماتىكا ئىلمىدىكى ھەرخىل ھەرياڭزا سىمبوللارنىڭ فىزىكىلىق شەكلى يوق، بىۋاستە ھازىرغىچە ئېكىس ئىگرىكنىڭ پۇرىقىنى ياكى تۇتۇب سىلىغاندا قانداق ھېسياتقا كىېلىدىغانلىقىنى يازغان ئىنساننى كۆرمىدىم، دىمەك بۇ خىل پەنلەردىكى ئوبىيكتلەر بولسا بىراز ئابىستراكىت بولۇپ ، ماتىماتىكا قاتارلىق بۇ خىلدىكى ئابىستراكىت پەنلەرنى ئۈگۈنۈش ياكى ئەستە ساقلاش ئۈچۈن بىزدە ئالدى بىلەن ئەسلەتمە ۋە باغلاشتۇرما لوگىكىسى ۋە قابىلىيتى بار. مەسلەن ئويلىنىب كۆرۈڭ، \(E =MC^2\) يۇقىرىدىكى فورمۇلا سىزگە نىمىنى ئەسلەتتى ؟
بۇ نۇرغۇن ئادەملەرگە تونۇشلۇق بىر فورمۇلا بولۇپ، بۇنى كۆرگەن نۇرغۇن ئادەم دەرھاللا ھېچ بولمىغاندا ئېينىشتىييننى ئېسىگە ئالالايدۇ. بۇ فورمۇلا ئادەتتە ئېينىشتىيىننىڭ ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭپۇڭلۇقى (بەزى كىتاپلاردا ماددا ئېنىرگىيە تەڭپۇڭلىقى دەب ئېلىنغان ) فورمۇلاسى بولۇپ، فورمۇلادىكى M ھەرىپى كىلوگرام بىرلىكىدە ئۆلچەنگەن ماددىنىڭ ماسسىسىنى كۆرسەتسە، E ھەرىپى بولسا جول بىرلىكى بىلەن ئۆلچەنگەن ئېنىرگىيەنى، C بولسا نۇرنىڭ تېزلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يەنى بۇنداق ئويلاڭ، ئەگەر بىزدە يۈز گىرام ئېغىرلىقتىكى ماددا بولسا، ئۇنى بىز ئەگەر مەلۇم ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرساق نىمە بولىدۇ ؟ ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش ئارقىلىق بىز $9\times10^{15}$ جول ئېنىرگىيەگە ئېرىشىمى، بۇ تەخمىنەن مىليون توننا TNT پارتىلىغانغا تەڭ.يەنى ماسسا ۋە ئېنىرگىيەنى بىربىرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ فورمۇلا ئابستىراكىت بى ئۇقۇم بولسىمۇ، ئۇنىڭغا باغلانغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنى بىزدىن بىۋاستە بىر نەرسىنىڭ يۈزىدە ۋە قېپىدە توختاب قالغان ئىچكىرلەب ئۆگۈنۈش ( deep learning) ياكى چوڭقۇر ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى تەلەب قىلىدۇ. چوڭقۇر ئۈگۈنۈش ئالدىنقى يازمىدا دەب ئۆتكەندەك بىر نەرسىدىن يەنە بىرنەرسىگە باغلاش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
مەشىق قىلىش بىلەن چوڭقۇر ئۈگۈنۈشنىڭ نىمە ئالاقىسى بار دەب ئويلاب كۆرۈڭ، دەل شۇ ۋاقىتتا ماتمىاتىكا ئۈگۈنۈشنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنى توغرا ئۈگۈنۈشنىڭ يولىنى بىلگەن بولىسىز.
يەنى بىز ناھايىتى ئابىستراكىت بولمىغان ئۇقۇملارنى پەقەت بىر ياكى بىر نەچچە قەۋەتلىك ئويلۇنۇش ياكى تەپەككۇر ئارقىلىق ئۈگەنسەك، بىر قەدەر مۇرەككەب بولغان ياكى بىر قەدەر ئابستىراكىت بولغان ئۇقۇملارنى بولسا بىر نۇرغۇنلىغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئۈگىنىمىز، بىزنىڭ مەشىق قىلىش جەريانىمىز بولسا دەل شۇ بىلىملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلارنى بايقاش ۋە ئۇلارتى كۈچەيتىش جەريانىدۇر.
ماشىنا ئۈگۈنۈش ئىلمىدە بۇلارنى activation function دەيدۇ، خالىسىڭىز ئالدىنقى يازمىنى ئوقۇب مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنى ئانالىز قىلىب كۆرۈڭ.
ھە راس، گەرچە بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىغا بىۋاستە چېتىشلىق بولمىسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر نەرسىنى دەب ئۆتەي، ئادەمنىڭ مېڭىسى كومپىيوتىرغا ئوخشاش ئەمەس، كومپىيوتىردا بىز بىر مودىلنى ئۈگۈتۈش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ۋاقىتتا ئۈزۈلدۈرمەي نەچچە كۈن ھەتتا ئايلار يىللار شۇ ئىش بىلەن قىينايمىز، بىراق ئالىملارنىڭ بايقىشىچە ئىنساننىڭ مېڭىسىگە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، .ئۈگەنمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۇزۇن بىر ۋاقىتقا بۆلۈب ئاز ئازدىن ئۈگۈنۈش، چۈنكى بىزنىڭ مېڭىمىزنىڭ ئۇچۇرنى ساقلىشى ۋە بىر تەرەب قىلىش سۈرئىتى كومپىيوتىردەك تېز ئەمەس. شۇڭا مەسلەن، بىر كۈن ئولتۇرۇب 5 سائەت ماتىماتىكا ئۆگەنگەندىن ( بولۇپمۇ ئابىستاراكت ئۇقۇم كۆب بولسا)، بەش كۈنگە سوزۇب، ھەر كۈنى بىر سائەت ئۈگەنگەننىڭ ( مەشىق قىلغاننىڭ) پايدىسى بەكراك ياخشى ۋە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. تامار تامار تاش تېشەر، بىر توننا سۇنى بىر قېتىمدا بىر تېمىملاب بىر نۇقتىغا تامچىلاتسىڭىز تاش تېشىلىشى مۇمكىن، بىراق بىر توننا سۇنى بىراقلا بىر تاشقا چاچسىڭىز تاش ھېچنىمە بولمايدۇ. خۇددى تاشنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك ئۆزگۈرۈشى ئۈچۈن مەلۇم بىر جەريان ۋە ۋاقىت كەتكەندەك مېڭىمىزنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇر ۋە باغلىنىشلارنى قۇرۇشى ۋە بىر تەرەب قىلىشى ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدۇ، ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، مېڭىمىز ئۇخلىغاندا شۇخىل باغلىنىشلارنى ئەڭ ئاكتىب قۇرىدۇ، بىراق ئۇنىڭ قابىلىيتى كۆمپىيوتىردەك ئەمەس بولغاچ بىر قېتىمدا مۇرەككەب بولسا ئاز بىر قىسىم باغلىنىشلارنى قىلالايدۇ. يەنى سىزنىڭ بىر ئابىستاراكت نەرسىنى تولۇق باغلاب، چۈشۈنۈب ۋە مېڭىڭىزگە ساقلىشىڭىز بىر جەريان، ئۇ جەريانغا ھۆرمەت قىلىشڭىز كېرەك.
ئەستە تۇتۇش
ئۆگۈنۈش توغۇرلۇق سۆزلىگەن ۋاقتىمىزدا چوقۇم تىلغا ئېلىشقا كېرەكلىك بولغان ئىككىنجى تېما بولسا ئەستە تۇتۇش (خاتىرلەش). ئىنسانلار باشقا ئەسۋاب ۋە ماشىنىلارنى ياراتقان ۋاقتىدىمۇ ھەم ئۆزىمىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن ياراتقان.
سىز بىر قەغەزدە بەش ئالتە ئادەمنىڭ ئىسمىنى كۆردىڭىز دەيلى، سىز ئۇلارنى قەغەز ئېلىب يېزىۋالغىچە قانداق قىلىسڭىز؟ ئەگەر ئۇ ئىسىملارنى بىر قايتىلاب چىقسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېسىڭىزدە قالىدۇ دە ئۇلارنى بىرازدىن كىيىن قەغەزگە يېزىب قالدۇرۇشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ.
بۇ يازما نېيرونلۇق ئىلىم ياكى بىئولوگىيە-مېدىتسىيا توغۇرلۇق يازما بولمىغاچ، بىز ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇشى ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مېڭە رايونىنى ئاددىيچە قىلىب ئىككىگە بۆلىمىز، يەنى :
- ئالدى مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە جايلاشقان ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچ ( ئىشلەمچى ئىچكى ساقلىغۇچ، قىسقا مۇددەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ)
- مېڭىنىڭ ئارقا ۋە باشقا رايونىغا تارقاقلاشقان ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچ ( ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ )
ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچ، يەنى ھازىرلىقتا ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىرنەرسىلەرنى ۋاقىتچە تۇتۇب تۇرۇش، خاتىرلەب تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان مېڭە ساقلىغۇچى بولۇپ، بۇ خۇددى كومپىيوتىرنىڭ ئۆزەكلىرىدىكى Cache (يەنى ۋاقىتلىق ساقلىغۇچ) غا ئوخشايدۇ. ئالىملارنىڭ بىر قىسمى ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچ 7 پارچە ساقلىغۇچ قېلىپى بار دىسە يەنە بەزىسى پەقەت 4 پارچىسى بار دەب ئۇرۇشماقتا ( تالاش تارتىش قىلماقتا). مەيلى 4 ياكى 7 بولسۇن، قىسقىچە دىگەندە بىزنىڭ ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچىمىزنىڭ ساقلاش ھەجىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، شۇڭا بىز ۋاقىتلىق ساقلىۋالغان مەزمۇننى ئۇزۇنچە ئىچكە ساقلىغۇچقا توشىمىساق ئۇ ئۇچۇر ياكى بىلىم ياكى ئۈگەنگەن فورمۇلالىرىڭىز بولامدۇ، ياكى يولدا بايا سوراب ئالغان بىرەر ساھىبجامالنىڭ تېلىفون نۇمۇرىمۇ، ھازىردىن كىيىلا ئەستىن چىقىب كېتدۇ.
چۈنكى بىرزنىڭ ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچىمىزنىڭ ھەجىمى كىچىك بولغاچ، ناھيىتى تېزلا تولۇپ قالىدىغان بولغاچ، ئۇنى بىر دوسكىغا ئوخشاتساق، يېڭى مەزمۇننى يېزىش ئۈچۈن توختىماي ئۇ دوسكىدا ئەسلىدە بار بولغان مەزمۇنلارنىڭ ئۆچۈرۈب تاشلىشىمىز كېرەك بولىدۇ، يەنى ئەگەر بىراز بۇرۇنقى بىر ئۇچۇرنى ھازىرچە ئىچكى ساقىلىغۇچقا ساقلاب ئۇنى ئۇنتۇب كەتمەسلىك ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچدە شۇ مەزمۇننى يەنە بىر قېتىم قايتىلاب مېڭىگە، يېڭىلاب يېزىش توغۇرلۇق سىگنال بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
مەسلەن ساھىبجامالنىڭ نۇمۇرۇنى يېزىۋېلىشتىب بۇرۇن ئىچىڭىزدە ئۇنى نەچچە قېتىم قايتىلاب ئوقۇب تۇرسىڭىز، قولىڭىزغا قەغەز قەلەم ئېلىب ئۇنى يېزىب قالدۇرىۋېلىشتىن بۇرۇب ئۇنى ئۇنتۇب كەتمەيدىغان بولىسڭىز. يەنى مېڭىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى ئېلىب بېرىدىغان ھەرىكىتى بولسا، رايون توشۇب كەتكەندە ھەممىلا نەرسىنى ئۆچۈرۈب تاشلاش، شۇڭا سىز بىر مەزمۇننى قايتىلاش ئارقىلىق « ئا مەزمۇننى ئۆچەمەي تۇسىلا خاپا بولماي » دىگەن سىگنالنى بەرگەن بولىسىز.
بىزنىڭ مېڭىمىزدىكى ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچ ( ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىچكى ساقلىغۇچ، Long term memory) بولسا بىر ئامبارغا ياكى كۈتۈب خانىغا ئوخشايدۇ. نۇرغۇنلىغان رايونلارغا بۆلۈنگەن، ئۇچۇرلارنى ۋە بىلىمىڭىزنى ئۇزۇن مۇددەتتە ساقلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بولىدۇ.
ئادەتتە مېڭىڭىز ھەممىلا نەرسىنى ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچقا ساقلىمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى ۋاقىتلىق ھالدا ھازىرچە ئىچكە ساقلىغۇچقا ساقلايدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ۋاقىت ياكى مەلۇم ئوبىيكتقا، ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىمىيەلىك ياكى ئېلىكتورونلۇق ئاكتىپلاش سىگنالى بەرسىڭىز، ( ھاياتىڭىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار) مېڭىڭىزنىڭ ئۇزۇنچە ساقلاش بۆلگىسىگە ئۇ ۋاقىتنى ياكى شۇ ۋاقىتتىڭىز ئۇچۇرلارنى ساقلاب قال دىگەن ئۇچۇر بەرگەن بولىسىز. يەنى بىر نەرسىنى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاب قېلىش ئۈچۈن، مۇمكىن بولسا ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە تۈرلۈك ھېسيى تۇيغا ئالغان بولىشڭىز، ئوخشاش بولمىغان بىرنەچچە خىل خىمىيە ياكى ئېلىكتىرونلۇق سىگنال چىقىرىب ، مېڭىڭىزنى يېتەرلىك غىدىقلاب ئۇنىڭ نېيرونلىرىنى ئاكتىپلىغان بولىشڭىز كېرەك.
گەرچە بىزنىڭ يېتەرلىك ھەجىمدىكى ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچىمىز بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇچۇرلارنى ساقلاش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدۇ، مېڭە بۇ جەرياندا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر سىزنىڭ بىلىمىڭىز بىر بىرىگە باغلانغان، كونكىرىت، ياكى ئاچقۇچلۇق سۆزلىرى بىلەن ئېندىكىسلەنگەن ئىزدىگىلى بولىدىغان ياخشى قۇرۇلمىسى بار بولسا، مېڭىڭىز شۇ خىلدىكى نەرسىنى ساقلاشنى ھەم ئوقۇشنى بەكرەك خالايدىغان بولۇپ، يېزىب ۋە ئىزدەب تېپىشمۇ قىيىنغا توختىمايدۇ.
يەنى سىزنىڭ كومپىيوتىرڭىزنى دەب تۇرايلى، قانداقلا بىر نەرسە چۈشەرسىڭىز قالايمىغان بىر يەرلەرگە تاشلاۋەرسىڭىز نەچچە كۈن ئۆتمەي ھېلىقى ئا نەرسە نەدىدۇ دىگەن سۇئالنى سوراشقا توغرا كېلىدۇ، مېڭىمۇ شۇنداق، ھېچ قانداق بىر-بىرىگە باغلانمايدىغان، تەرتىسپسىز ۋە قۇرۇلمىسىز ئۇچۇرلارنى ئانچە ياختۇرۇب كەتمەيدۇ، ۋە ئۇلارنى ئامال بار ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ خالىغان بىر بوشلۇقىغا ساقلاۋېرىدۇ.
يۇقىرىدا ۋە ئالدىنقى يازمىدا دەب ئۆتكىنىمىزدەك (deep learning, يەنى چوڭقۇر ئۈگۈنۈش) چوڭقۇر ئۈگۈنۈش جەريانى بولسا دەل شۇ مېڭىمىزگە كىرىۋاتقان ئۇزۇنچە ساقلىماقچى بولغان ئۇچۇرلارنىڭ ۋە ئاللىبۇرۇن مېڭىمىزنىڭ ئۇزۇنچە ساقلاش رايونىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر مەلۇم باغلىنىشلارنى قۇرۇش جەريانىدۇر.
يەنى ئالىملار ئادەمنىڭ بىر نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈش جەريانىنى تەقلىد قىلىب ھەرخىل ماشىنا ئۈگۈنۈش (machine learning) ئۇسۇللىرىنى ئويلاب چىققان.
يەنە بىر دەب قوياي، يۇقىرىدا دىگەندەك بىر نەرسىنى بىرئاخشامدا يۈز رەت قايتىلىسىڭىز ئادام مېڭىسىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى سەۋەبلىك ئۇ يەنىلا شۇ ھازىرچە ئىچكى ساقلىغۇچتا قېلىشى مۇمكىن، ئۇنى ئۇزۇنچە ئىچكى ساقلىغۇچىڭىزغا ساقلاش ئۈچۈن، مېېڭىڭىزگە يېتەرلىك ئۇيغۇ، بىر نەچچە قېتىم ئوخشىمىغان ۋاقىتتا قايتىلاب يېتەرلىك سىگنال ۋە ئاكتىپلاش بېرىشىڭىز كېرەك.
ئۇيقۇ
ھازىرقى زامان بىئو-كوگنىتىۋ ئىلمىنىڭ قارىشىدا ئۇيقۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىشقا كىرىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئالدىنقى شەرت. يەنى سىز ئۇخلىغان ۋاقتىڭىزدا مېڭىڭىز خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بەزى سىز ئويغاق ۋاقتىڭىزدا يېشەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئۇخلىغان ۋاقتىڭىزدا مېڭىڭىز داۋاملىق ئىشلەب يېشىب چىقىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا مېڭىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە بىراز ھۇرۇنلۇق قىلىش مېخانىزىمى، گەرچە مېڭىدە يېتەرلىك ئۇزۇنچە ساقلاش رايونى تۇرسىمۇ بەزى ساقلانغان مەزمۇنلارنى ئەخلەت دەب ھۆكۈم قىلىب چىقىرىب تاشلىشى مۇمكىن. ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيقۇسىزلىق مېڭىنىڭ ئىچىدىكى نېيرونلارنىڭ باغلىنىشىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ھازىرقى زاغرا تىلدا ئېيتقاندا «ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش» ياكى « مېڭىسى داتلىشىش » دىگەندەك ئېغىر ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈب چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يېتەرلىك ئۇخلىمىسىڭىز، ياكى مېڭىڭىزنى ئۇزۇن ۋاقىت ھاياجان ھالەتتە ساقلىسڭىز، ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر ھاياجان بىر ھەسرەتلىك تەڭپۇڭسىزلاشتۇرسىڭىز مېڭىڭىزنىڭ سەزگۈرلىكى چۈشۈب كېتىدىغان بولۇپ، مېڭىڭىز گاچىلىشىب كېتىدۇ.
بەزىدە بەزىلەر ئويلانغان مەسىلىنىڭ جاۋابىنى چۈشىدە كۆرۈشى ياكى ئۇخلاب تۇرغاندىن كىيىن مەسىلىنىڭ جاۋابىنى تېپىشى مۇمكىن. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە مېڭىنىڭ ئۇيقا ھالەتتىكى فۇنكىسىيەسى بولۇپ، سىزنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى پائالىيەتلىرىڭىزنىڭ ئاساسىدا ئۇزۇنچە ساقلىغۇچتىكى مەزمۇنلارنى رەتلەب، ۋە ئۇلارنىڭ باغلىنىشىنى قۇرۇش جەريانىدا، ياكى شۇ باغلىنىشلارنىڭ ئاساسىدا يېڭى نېيرونلارنى شەكىللەندرۈش جەريانىدا سىزگە مەسلىنىن ھەل قىلىب بەرگەن بولىشى مۇمكىن. چۈنكى پەننى تىل بىلەن دىگەندە مەسىلىنى تېپىش دىگىنىمىز خۇددى بىر سىزىقنى بويلاب شۇ سىزىقنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يېتىش دىگەنلىك بىلەن ئوخشاش.