ھەققىدە

سالام

كەمىنە ئازاتنىڭ تور دۇنياسىغا خوش كېلىپسىز.

ئەلۋەتتە، مەن ئىنتىرنىتتا ھەرخىل ئىسىم ۋە تور نامىدا ھەر خىل سۇپىلاردا مەن بىلىدىغان بىر نەچچە تىلدا بىلوگ يېزىب كېلىۋاتقىلى بىر نەچچە يىل بولدى. ئىزچىل ئۇيغۇر تىلىدا بىر بىلوگ قۇرۇب ۋە شۇ بىلوگدا ئۇيغۇرچە يېزىب مېڭىش ئويۇم بولغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىدا مەن ئىزدەنگەن ۋاقىتلاردا پەقەت wordpress دىن باشقا ياخشى بىلوگ سېستىمىسى يوق بولغانلىقى، دىگەندەك پۇت تىرەب تۇرالمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرچە بىلوگ قۇرۇب بولالمىدىم.

بۈگۈن مانا كۆرۈب تۇرغۇنىڭىزدەك ئاخىرى نەچچە سائەتلىك تىرىشچانلىق ئاساسىدە Jekyll سۇپىسغا ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنى قوشۇب ئۇيغۇرچىنى دەسلەبكى ھالدا قوللايدىغان ھالغا كەلتۈرۈب بۇ بىلوگنى قۇرۇب چىقتىم.

Jekyll مەن تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان بىلوگ ياكى ستاتىك تور بەت سېستىمىلىرىدىن بىرى بولۇپ، بىۋاستە يەنە بىر مەن ياخشى كۆرىدىغان تىل Markdown ئاساسىدى ئەسەر يېزىب ئېلان قىلىشنى قوللايدۇ. ئارقا يۈزى تەلەب قىلمايدۇ، دىمەك يازغۇچى ئۆزىنىڭ فوكۇسىنى پەقەت مەزمۇنغا قاراتسا بولىدىغان بولۇپ ئارقا يۈزى، ئالدى يۈزى ۋە بوشلۇق يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ساندان دىگەندەك تېخنىكىلاردا باش ئاغرىتىشى كېرەك ئ‍ەمەس. بۇ مەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، ئىدىيە دىگەن نەرسە خۇددى چۈشىمىزدە كۆرگەن دوللار بىلەن ئوخشاش بولۇپ پاڭقىيىن بولغاندىن كىيىن دەرھاللا يوقاب كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا مېنىڭ بىر نەرسە يازغىم كەلگەندە ناھايىتى ئاز پىروگراممىلارنى ئېچىب دەرھاللا ئوي پىكرىمنى يېزىب قالدۇرالايدىغان بولىشىم كېرەك.

خوش، ئەنە شۇنداق قىلىب بۇ بىلوگ قۇرۇلدى، ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن بىر نەرسىلەرنى يېزىب قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

ھەممىڭلارغا ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىلەن،

ئازات بىلگە، ئىستانبۇل.