فىنانسال تۇغۇندىلار ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

فىنانسال تۇغۇندىلار ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

gg

تۇغۇندى دىگەن نىمە؟

سىز ئىستانبۇلنىڭ كاتتا ھەيۋەت بىر رايونىدىن تولىمۇ گۈزەل بىر ئۆينى كۆرۈب ئۇنى ياقتۇرۇب قالدىڭىز، ۋە ئۇنى سېتىب ئالماقچى بولدىڭىز، ئەپسۇس يانچۇقىڭىزدىكى پۇلىڭىز سەۋەنلىك ئۇ ئۆينى دەرھال سېتىب ئېلىشىڭىزغا يار بەرمەيدىغانلىقىنى ھەم چۈشەندىڭىز، بىراق ئىستانبۇلدا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆزگۈرۈشى تۇراقسىز بولغانلىقى ئۈچۈن بىر يىلدىن كىيىن ئۇ ئۆينىڭ باھاسىنىڭ بەكمۇ كۆپ ئۆسۈب كېتىشىدىن ھەم قورقتىڭىز، ئۆي ئىگىسى بىلەن بۇ توغۇرلۇق سۆھبەتلەشكىنىڭىزدە، ئۆي ئىگىسى ئازات بىلوگىنىڭ بىر ئوقۇرمەنى ۋە فىنانسال ساۋاتلىق بىرى بولۇپ چىقتى ۋە سىزگە تۆۋەندىكىدەك بىر كېلىشىم سۇندى:

ماڭا ھازىر 10000 دوللار رەنە پۇلى تۆلىگىن ۋە ئۆينى مەن بىر يىل ھازىرقى بازار باھاسى 300 مىڭ دوللار بويىنچە تۇتۇب تۇرىمەن. كېلەر يىلى، ئەگەر يەنىلا ئۆينى سېتىب ئالماقچى بولساڭ، ئۇ ۋاقىتتىكى ئۆي باھاسىنىڭ قانچە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ماڭا پەقەت 300 مىڭ دوللار تۆلىسەڭلا بولدى.

سىز بولسىڭىز بۇ كېلىشىمگە قوشۇلارمىدىڭىز ؟

ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز، سىز 10 مىڭ دوللار خەجلەب كېلەركى يىلى بۇ يىلقى ئۆينىڭ باھاسىدا شۇ ئۆينى سېتىۋېلىشىنىڭ ھوقوقى نى سېتىب ئالغان بولىسىز. بۇ ھوقوقنى بىز فىنانسا تۇغۇندى دەيمىز، يەنى سىزنىڭ سودىلىشىۋاتقىنىڭىز ئەسلىدى مۈلۈك ( ئۆي ) بولماستىن شۇ ئۆي ئاساسىدا تۇغۇلغان بىر يېڭى فىنانسال مەھسۇلات. ئەگەر بىز بۇ فىنانسال تۇغۇندىغا تېخىمۇ كونكىرت ئىسىم بەرسەك، ئۇنداقتا ئۇ بىر قەرەللىك ھوقوقى (options) دەب ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟

  • قوغداش (سۇغۇرتىغا ئوخشاش) - يەنى تۇغۇندىلار ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىنىڭ خىيىم خەتىرىڭىزگە بىر سۇغۇرتا ئالغانغا ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىسىز، يەنى مىسالغا ئالساق، بىر يىلدىن كىيىن تۈركىيەدىكى ئۆي باھالىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى شىددەت بىلەن ئۆسۈب كېتىب سىز كۆرگەن ئۆينىڭ باھاسى 500 مىڭ يۈئەنگە چىقىب كەتتى دەيلى، فىنانسال بىر تىل بىلەن ئېيتقاندا ئېشىب كەتكەن شۇ 200 مىڭ دوللار سىز ئۈچۈن بىر زارار ۋە بىر خىيىم خەتەردۇر. شۇڭا ئەگەر سىز 10 مىڭ دوللار چىقىرىب بۇ تۇغۇندىنى ( قەرەللىك ھوقوق) نى سېتىب ئالغاندا، ئۆي باھاسى مەيلى نەچچىگە چىقىب كەتسۇن سىز پەقەت 300 مىڭ تۆلەيسىز خالاس.
  • ھەرىكەتچانلىق - بازار تولىمۇ ھەرىكەتچان ۋە قىياس قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بىر يىلدىن كىيىن ئۆينىڭ باھاسى 250 مىڭ دوللارغا چۈشۈب قالسىچۇ ؟ ئەگەر سىز قەرەللىك ھوقوقنى سېتىب ئالغىنىڭىزدا سىزنىڭ زىيىنىڭىز پەقەت 10 مىڭ دوللار بىلەنلا چەكلىنىدۇ، دىمەك سىز بىر يىلدىن كىيىنكى مۇمكىن بولىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنىڭىزنى ھەتتا مۇقۇملاشتۇردىڭىز.

يۇقىرىدىكى قىسقا بىر مىسال ئارقىلىق فىنانسال تۇغۇندىلار توغۇرلۇق قىسقىچە ساۋاتقا ئىگە بولىدىڭىز دەب قارايمەن، بۇ يەنە بىر تەرەپتىن فىنانس ئۈگۈنۈشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىب بېرىدۇ، فىىنانس ۋە ئىقتىساد ئىلمى سىزگە ھايتىمىزدىكى تولىمۇ مۇھىم بولغان مۈلۈك، پۇل، ھەققىدە تولىمۇ كۆپ ساۋاتلارنى بېرەلەيدۇ. سىز پۇلنىڭ نەدىن كېلىب قەيەرگە ئاقىدىغانلىقىنى بىلگۈنىڭىزدە ( مەسلەن پۇلنى بېلىق سىز بېلىق تۇتقۇچى دىسەك) سىز قانداق قىلىب توغرا يۆنىلىشتە ۋە توغرا يەردە تۇرغۇنىڭىزدا پۇل تاپالايدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز ( بېلىق قايسى پەسىلدە قايسى خىل شارائىتتا قانداق ئىقلىمدا كۆپ ئۇچرايدۇ؟).

ئەگەر يۇقىىرىدىكى قىسقا مىسالغا دىققەن قىلغان بولسىڭىز، ئۇ يەردىكى قەرەللىك ھوقوقىنىڭ تەمىناتىنىڭ ئاسېمىتىرىك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، يەنى،

  • ئەگەر ئۆينىڭ باھاسى ئۆسسە سىزگە ئېلىب كېلىدىغان پايدىسىنىڭ يۇقىرى چېكى يوق ( ماتىماتىكىلىق چەكسىزلىك)
  • مەيلى ئۆينىڭ باھاسى قانچىلىك چۈشۈب كەتسۇن سىزگە ئېلىب كېلىدىغان زارارى پەقەتلا 10 مىڭ دوللار خالاس.

بىز بۇنى ئاسېمېترىك تەمىنات دەيمىز، يەنى ھاياتىڭىزدا قارار چىقارغاندا كۆپرەك مۇشۇنداق قارارلارنى چىقىرىشىڭىز كېرەك، قىسقىچە دىگەندە پايدىسى بولسى كۆپ پايدىسى بولىدىغان، زىيىنى بولسا ئېنىق ۋە تولىمۇ ئاز زىيىنى بولىدىغان. دۇنيادا بۇنداق ئىش مەۋجۇتمۇ ؟ مەۋجۇت، سىزچە كاپىتالىستلار قانداق پۇل تاپىدۇ ؟

پۇل تېپىش زاغرا تىلىمىزدا خۇددى يولدىن بىر نەرسىنى تېپىپ ئالغاندەك تېپىش دەپ ئاتالسىمۇ، پۇل تېپىش ئەمەلىيەتتە بىر كەسىب، خۇددى ناۋايلىق، ئاشپەزلىك ۋە ساتراشلىققا ئوخشاش. ھەممىلا ئادەم ئوخشىسۇن ئوخشىمىسۇن، ئازدۇر كۆپتۇر بىر تاماقلارنى پىشۇرالايدىغان بولىشى مۇمكىن، يەنى سىز پۇل تېپىشنىڭ كەسپى ئەھلى بولسىڭىز بولمىسىڭىزمۇ پۇل تېپىشنى ئازدۇر كۆپتۇر بىلىسىز، بىراق ئەگەر سىز پۇل تېپىشنىڭ ماھىرى بولماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا پۇل تېپىشنى خۇددى ئاشپەزلىك، ساتراچلىق، ناۋايلىق ….. قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۈگەنگەنگە ئوخشاش قېتىرقىنىب ئۈگۈنۈشىڭىز كېرەك، بۇ كەسىپنىڭ تۈپكى مۇھىم بولغان ئاساسى فىنانس، ئىقتىساد، ماتىماتىكا، ئېھتىماللىق ۋە ستاتىسكا ئىلىمىدۇر.

بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىدىن چەتنەب كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بىز ھازىرچە يەنىلا شۇ تۇغۇندىلار ھەققىدە سۆھبىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.

فىنانسال تۇغۇندىلار

فىنانسال بازارلاردا ئۆي مۈلۈكتىن باشقا بىز ئېلىب ساتقىلى بولىدىغان يەنە نۇرغۇن مۈلۈكلەر مۇ ھەم مەۋجۇت، ئۇنىڭدىن باشقا قەرەللىك ھوقوقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن باشقا تۈرلۈك تۇغۇندىلارمۇ ھەم مەۋجۇت، بىراق بۇلارنىڭ ئىچىدە قەرەللىك ھوقوق ھەممىدىن مۇھىم ۋە كۆپ قوللىنىلىدىغان تۇغۇندىلارنىڭ بىرىدۇر.

باشقا مۇھىم تۇغۇندىلار:

  • قەرەللىك ھوقوق (options)
  • قەرەللىك مال (futures)
  • ئالماشتۇرما (swap)

فىنانسال بازارلاردا بىز سودىلىشىدىغان مەسلەن ئاكسىيە، زايوم، تاۋار (commodities)، پۇل، ئۆسۈم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلىب ساتقىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلاردۇر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تۇغۇندى چىقارغىلى ۋە سودىلاشقىلى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسى نەزىرىيەسى ھەم ئوخشاش پىرىنسىپلارغا بويسىنىدۇ:

  • تۇغۇندىلارنىڭ باھاسى ئەسلى مۈلۈك ( تاۋار، مەھسۇلات) باھاسى ئاساسىدا بېكىتىلىدۇ.
  • ئۇلار ئادەتتە خۇددى سۇغۇرتىغا ئوخشاش خىيىم خەتەرنىڭ ئالدى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
  • تۇغۇندىلارنىڭ باھاسىنى بېكىتىش ئادەتتە ئاربىتراجسىز باھالاش ئاساسىدا بولىدىغان بولۇپ، تولىمۇ مۇرەككەب بولغان فىنانسال ۋە ماتىماتىكىلىق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاربىتراج ھەققىدە ئىككى كەلىمە

يۇقىرىدا بىز ئاربىتراجسىز باھالاش دىگەندەك بىر نەرسىنى تىلغا ئېلىب ئۆتتۇق. ئاربىتراق (arbitrage) بەزىدە تىلىمىزدا ئارىچاڭ پايدا دەب تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، بۇرۇنقى بەزى ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دەرسلىكىدە بىۋاستە ئاربىتراج دەبمۇ ئېلىنغان، بولۇپمۇ ئاربىتراجسىز دەب قوللىنىلغان ئىكەن، ئاربىتراج دىمەكلىك چۈشۈنۈشكە قىيىن نەرسىمۇ ئەمەس، فىنانستا ئاربىتراج دىمەكلىك، ھېچقانداق خىيىم-خەتەرسىز ( يەنى ھېچقانداق زارارلىنىش ئېھتىماللىقىسىز)، يەنە ھېچقانداق چىقىمسىز ( ئۆز خالتىڭىزنى ھېچنىمە چىقىم قىلماي)، «بىكارلىق پۇل» تېپىش تۇر. بۇ خۇددى فىزىكىدىكى بەزى قانۇنىيەتلەردەك تولىمۇ غايىۋىلەشتۈرۈلگەن بىر مۇمكىنچىلىك ( مەن ياشاب ھازىرغىچە مانىڭدەك پۈتۈنلەي بىكارلىق پۇل تاپىدىغان ئىشنى كۆرمىدىم، سىلەر كۆرسەڭلار ماڭا خەۋەر قىلىب قويارسىلەر سادىغان كېتەي!)، مەسلەن فىىزىكىدا بىز دەيدىغان بىر نەرسە جىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركۈلۈچ كۈچۈنىڭ 0 بولىشى، تامامەن سىلىق بولغان ئۈستەل يۈزى دىگەندەك … گەرچە يۇقىرىدا مەن ئاربىتىراج قىلىش تولىمۇ قىيىن ( مەن مۇمكىن ئەمەس دىمىدىم، پەقەت ئاددى ۋە مەندەك ھوقوقسىز بەندە ئۈچۈن بەك قىيىن) دىگەن بولساممۇ بىز بىر خىيالى ئاربىتراج مودىلى قۇرۇب چىقايلى:

بازادا ئىككى مىۋە ساتىدىغان دۇكان باركەن دەب تۇرايلى، بۇ ئىككى دۇكاندىكى ئالمىنىڭ باھاسى تۆۋەندىكىدەكمىش:

دۇكان ئالمىنىڭ باھاسى
ئا 1$
ب 1.5$

دىمەككى بۇ يەردە بىزگە بىر ئاربىتراج پۇرسىتى بار،

  1. دوستىمىز ئالىمدىن ئۆسۈمسىز 1 دوللار قەرز ئالىمىز.
  2. دۇكان ئا دىن بىر دوللارلىق ئالما ئالىمىز.
  3. ئالغان ئالمىنى دۇكان ب غا 1.5 دوللارغا ساتىمىز
  4. دوستىمىزدىن ئالغان 1 دوللارنى قايتۇرىمىز
  5. 0.5 دوللار پۇلنى ھېچقانداق خەۋىپسىز ( رىسىكسىز) تاپتۇق ئەينا!

ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدەك ئاربىتراج پۇرسىتى تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرىدا دىگەندەك تۇرمۇشىمىزدىكى ماركىتلاردا. ئەمما فىنانس ساھەسىدە ئاربىتراج مۇھىتى پۈتۈنلەي يوق ئەمەس، ھەم بۇ نۇرغۇن فىنانسال سودىگەر (trader) نىڭ نۇرغۇنلىغان مودىل قۇرۇب ئىزدەيدىغان پۇرسەتلىرىدىن بىرى.

گەرچە تولۇق ئاربىتراج بولمىسۇ، ناھايىتى يېقىنلىشىدىغان بىر مىسال، بۇرۇنقى FTX كىرىپتوچىلىق ئالماشتۇرۇش مەركىزى بازىرىنىڭ قۇرغۇچىس بولغان Sam Bankman-Fried نىڭ ئېلىب بارغان نەچچە ئايغا سوزۇلغان خەلقارالىق كىرىپتو بازارىدىكى بىتكويىننىڭ باھاسىننىڭ ئۆخشىمىغان پۇل كۇرسى ئوتتۇرىسىدىكى باھا پەرقىدىن پايدىلىنىب قىلغان نەچچە مىڭلىغان ئېلىكتىرونلۇق سودىسى.

دىمەك ئەگەر ماتىماتىكا ۋە فىنانستا يامان بولسىڭىز ( ماھىر بولسىڭىز دىمەكچى)، سىگىمۇ يەنە نۇرغۇن پۇرسەتلەر بار.

فىنانسىستلار ( فىنانس ئېنجىنىرلىرى ( مەسلەن مەن ھاھاھاھ)) تۇغۇندىلارنىڭ باھاسىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

يۇقىرىدا دەب ئۆتكىنىمىزدەك فىنانسال تۇغۇندىنىڭ باھاسىنى بېكىتىش تولىمۇ مۇرەككەب ۋە باش ئ‍اغرىتىدىغان بىر جەريان. چۈنكى تۇغۇندە بازاردىكى تاۋارغا ئوخشاش ئىقتىسادتىكى ئېھتىياج ۋە تەمىناتقا قاراب باھالايدىغان نەرسە ئەمەس. ئىنسانلار ياراتقان تۇغۇندى دىگەن بۇ فىنانسال ئەسۋاب، توغرا باھالانمىغاندا نۇرغۇنلىغان تەڭپۇڭسىزلىق كەلتۈرۈب چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تۇغۇندى تۇغۇلىشىدىنلا پىشاڭلاشقان بولىدۇ (leverage) ، بىز بۇتوغۇرلۇق كىيىنچە ئايرىم توختىلىمىز.

ئەمىسە بىز تۇغۇندىلارغا باھا بېكىتىشنىڭ ناھايىتى ئاددى بولغان بىر يولىغا قاراب چىقايلى، يەنى بىنوميال مودىل (binomial) بىلەن تونۇشۇب ئۆتەيلى. ئېنگلىزتىلىنى ياخشى بىلىدىغانلار، بىنومىيال ياكى باينومىيال سۆزنىڭ مەنىسىنى ياخشى بىلسە كېرەك، ئۇ نىمەكلىك ئىككى قۇتۇبلۇق دىمەكلىكتۇر. قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى مىسالغا قاراب ئۆتەيلى،

  • مەلۇم شىركەتنىڭ پايچېكىنىڭ ( مەسلەن AzatAI نىڭ پايچېكى دەب تۇرايلىما يا ) بۈگۈنكى بازاردىكى باھاسى 100$
  • بىر يىل كىيىنكى باھاسى تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئېھتىماللىققا ئىگە:
    • ئەگەر شىركەت پايچېكىنىڭ باھاسى ئۆسسە، 120$
    • ئەگەر شىركەت پايچېكىنىڭ باھاسى چۈشسە 90$
  • ھازىرقى دوللار يۈزىدىكى يىللىق ئۆسۈم نىسپىتىنى 10% دەب تۇرساق،
  • شۇنداقلا بىىر بانكا 105$ ئىجرا باھاسى بىلەن، بىر يىللىق بىر ئاكسىيە قەرەللىك ھوقوقى سېتىۋاتىدۇ دەب چۈشەنسەك. ( بۇ يەردىكى 105 دوللار دىگىنى بىر يىلدىن كىيىن ئاكسىيە پايچەك باھاسى مەيلى قانچە بولسۇن بىز 105 دوللار تۆلەب شۇنى سېتىب ئالالايمىز دىگەن باھا )

ئۇنداقتا بۇ پايچېكىنىڭ بىزگە ئېلىب كېلىدىغان تەمىناتى ( ئاخىرقى پايدىسى) تۆۋەندىكىدەك فورمۇلاغا بويسىنىدۇ: \(teminat = max(bazar bahasi - ijra bahasi, 0)\) يەنى :

  • ئەگەر پايچەك باھاسى ئۆسسە، تەمىناتى : 120-105 = 15 دوللار
  • چۈشسە : 0 ( چۈنى ئەگەر بىز كاللىمىز ۋە ئەقلىمىز ساق بىرى بولساقلا 90 دوللارغا چۈشۈب قالغان نەرسىنى 105 دوللارغا سېتىب ئالمايمىز، يەنى قولىمىزدە بار بولغان قەرەللىك ھوقوقنى ئىجرا قىلمايمىز)
سىنارىيە پايچەك باھاسى قەرەللىك ھوقوقنىڭ بىزگە ئېلىب كېلىدىغان تەمىناتى
ئۆستى 120 15
چۈشتى 90 0

ئۇنداقتا بىز مۇشۇ بىر قەرەللىك ھوقوقنى ( تۈركچە ئوپسىيون يەنى option) باھالىماقچى ( نەچچە پۇلغا يارايدۇ شۇنى بىلمەكچى) بولساق تۆۋەندىكىدەك بىر ئۇسۇلنى قوللانساق بولىدۇ،

  1. پايچەكتىن $\delta$ ئۈلۈش سېتىب ئالساق
  2. بانكىدىن B دوللار قەرز ئالساق
  3. يانچۇقىمىزدىن ھېچقانداق پۇل چىقارماي تۇرۇب پايدا ئالساق …

يەنى بىز تۆۋەندىكى سىنارىيە بويىنچە ماتىماتىكىلىق مودىلنى قۇرۇب كۆرسەك بولىدۇ: \(portfolio(up) = 120\delta - 1.1B = 15 \\ portfolio(down) = 90\delta - 1.1B = 0\)

1.1 گە كۆپەيتىشىمىزدىكى سەۋەب ئۆسۈم نىسپىتى 10 پىرسەنت بولغانلىقى ئۈچۈن، بانكىدىن بۇ يىل ئالغان ب مىقتاردىكى پۇلنى 1.1 ب مىقتار بىلەن قايتۇرۇشىمىز كېرەك

يۇقىرىدىكى ئىككى تەڭپۇڭلۇقنى يەشسەك ، بىز دېلتا ۋە ب نىڭ قىممىتىنى تاپالايمىز، يەنى

ب بولسا 40.909 ، دېلتا بولسا 0.5 چىقىدۇ.

ئەمدى سىنارىيەگە كىرگۈزسەك،

0.5 پارچە ئاكسىيەنىڭ قىممىتى 50 دوللار، بانكىدىن ئالغان قەرز 40.909 دوللار، شۇڭا بىز قالغان 9.091 دوللارنى قەرەللىك ھوقوقنىڭ باھاسى دەب بېكىتىمىز. بۇ يەردىكى ئىدىيە بولسا بىز يانچۇقىمىزدىن ھېچنىمە چىقارماي، بىر سودا ئېلىب بېرىش بولغاچ، 9.091 دوللارغا بىر قەرەللىك ھوقوق ساتساق ئۇنىڭغا بانكىدىن ئالغان پۇلنى قوشۇب ئاكسىيە سېتىب ئالساق، بىر يىلدىن كىيىن مەيلى نىمە بولسۇن، بىزنىڭ پايدىمىز ۋە زىيىنىمىز پەقەتلا 0. يەنى 9.091 دوللار بولسا بۇ قەرەللىك ھوقوقنىڭ ئادىل باھاسى. (بىزگە پايدىمۇ، زىيانمۇ كەلتۈرمەيدىغان باھاسى)

بىز يۇقىرىدا تولىمۇ ئاددى بولغان بىر مىسال ئارقىلىق تۇغۇندى ھەققىدە تونۇشۇب چىقتۇق، ھەم قانداق قىلىب ئ‍ۆزىمىزگە ھېچقانداق زىيان ئېلىب كەلمەستىن بىزدىكى ئىقتىسادى خىيىم خەتەرنى باشقىلارغا يۆتكەشكە بولىدىغانلىقىنى ( تۇغۇندىنى سېتىب)، ياكى ئۆزىمىزگە ۋە ياكى مۈلۈكىمىزگە خىيىم خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن سۇغۇرتا قىلىب قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى ( تۇغۇندىنى ئېلىش) نى چۈشۈنۈب ئۆتتۇق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرچە ئەرەب يېزىقىدا لاتىكىس فۇرمۇلالىرىنى يېزىشتا بەكمۇ قىينالدىم، ۋە نۇرغۇن خاتالىقلار چىقىب يازمىنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن جەدىۋەل ۋە فورمۇلالارنى قوشۇشقا ئىمكان بولمىدى. بۇ ھەر قېتىم تېخنىلىك يازما يازماقچى بولغىنىمدا مېنى يېزىشتىن قورقۇتىىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. گەرچە ھېچكىمنىڭ يېزىقىمىزنى لاتىنچىلاشتۇرۇش ئۇ بۇ دىگىدەك ھوقوقى بولمىسمۇ، لاتىن ھەرىپلىك، سولدىن ئوڭغا بولغان بىر يېزىش سېستىمىسىنىڭ ئاكادىمىيەلىك يېزىش ۋە خاتىرلاش ئۈچۈن تولمۇ مۇھىم ئېكەنلىكى بىر ھەقىقەتتەك. ……